باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىيا بازىرىنى ئېچىپ، ئۆز-ئارا نەپ ئېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

گېرمانىيە سودا بىرژىسى خەلق پۇلى سودا مەركىزى قۇرىدۇ

2014.02.14 18:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە «فرانكفۇرت مەلۇماتى» ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلق پۇلى بىرژىسىنىڭ رولى كۈنسىرى مۇھىم بولىۋاتقانلىقىنى، بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقان ياۋروپا پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرىنىڭمۇ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىشنى خالايدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۆز-ئارا رىقابەتمۇ باشلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يىل 1-ئايدا فرانكفۇرتقا جايلاشقان گېرمانىيە سودا بىرژىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لېيتو فولانچياۋنى يېڭى يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، گېرمانىيە بىرژىسىنىڭ ئاساسىي خىزمەتلەرنى ئىشلەپ بولغانلىقىنى، فرانكفۇرتنى ياۋروپانىڭ جۇڭگو پۇل مۇئامىلە بازىرى پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان خەلق پۇلى سودا مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر