باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قاتماللىق-سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتىدىكى قېيىنچىلىقنى نامايەن قىلدى(1)

2014.02.17 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە 2-قېتىملىق جەنۋە يىغىنىنىڭ 2-نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى 15-فېۋرال يېپىلدى. بىر ھەپتىگە يېقىن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، سۇرىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ۋەكىلى بىلەن ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى سۆھبەت مەزمۇنىدا ئېغىر ئىختىلاپ بولغانلىقتىن، ھېچقانداق ماھىيەتلىك مۇرەسسە ھاسىل قىلالمىدى.

  خەلقئارا كۆزەتچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ مۇشۇنداق ئاياقلىشىشدىكى ئەڭ تۈپكى سەۋەب- سۇرىيەدىكى قارشىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئىنتىلىۋاتقان نىشانىنىڭ پەرقلىق بولۇشى، شۇنداقلا ھەم ئۆز-ئارا مۇرەسسە قىلماسلىقى. پەزەر قىلىشقا بولىدۇكى، ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسىدىكى سۆھبەت ۋەزىيىتىدىن ئۈمىدلەنگىلى بولمايدۇ.

  10-فېۋرال جەنۋەدە رەسمىي باشلانغان بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتە سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشقا قارىتىشتا چىڭ تۇردى، ئىككى تەرەپ ئۆتكۈنچى باشقۇرۇش ئاپپاراتى رامكىسى ۋە بۇ ئاپپارات خادىملىرىنى تاللاش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى ھەمدە ھازىرقى پىرزىدېنت باشارنى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ئىسىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك.

  سۇرىيە ھۆكۈمەت تەرەپ تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى مەزمۇنى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەردىن سۇرىيە تەۋەسىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى مەبلەغ ۋە قۇرال بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ھۆكۈمەت مۇنداق دېدى: قۇرال بىلەن سۇرىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمەت بىلەن قارشلاشقانلار تېررورچى ئۇنسۇرلار.

  بىر تەرەپ ئالدىنقى ۋەزىپە سۇرىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى قۇرۇش، دېدى، يەنە بىر تەرەپ تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىش كېرەك دەپ ھېسابلىدى. ئىككى تەرەپ ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىگە يول قويمىدى. سۆھبەت مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە پات-پات تاراتقۇلارغا سۆھبەتنىڭ ئوڭۇشسىز بولۇشىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ قارشى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۈردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر