باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنستىرلىقى 19 چوڭ شەھەردىن ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى

2014.02.17 16:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنستىرلىقى يېقىندا خەۋەر ئېلان قىلىپ، يىل بېشىدا مائارىپ مىنستىرلىقىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىشتىكى ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش، يېقىن جايدا مەكتەپكە كېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە ئائىت يولغا قويۇش پىكىرى»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مائارىپ مىنستىرلىقى خىزمەت نۇقتىسىنى 19 چوڭ شەھەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېقىندا «مائارىپ مىنستىرلىقى ئىشخانىسىنىڭ «نۇقتىلىق چوڭ شەھەرلەردە مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش يېقىن جايدا مەكتەپكە كېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 2014-يىلى مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش يېقىن جايدا مەكتەپكە كېرىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ 19 نۇقتىلىق چوڭ شەھەر- مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق تۆت شەھەر، پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان بەش شەھەر، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك 10ئۆلكە مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ شەھەرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەكتەپكە كىرىش مەسىلىسى تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىكەن. ئۇقتۇرۇشتا مائارىپ مىنستىرلىقى بىلەن 19 چوڭ شەھەر ئوتتۇرىسىدا بىرلەشمە خىزمەت مېخانىزمى تۇرغۇزۇپ، 19 چوڭ شەھەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە مەسئۇللىرى، ئالاقىلاشقۇچىلار ئىسىملىكى، تەپسىلىي ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى 2014-يىلى 3-ئايدىن بۇرۇن مائارىپ مىنستىرلىقىغا دوكلات قىلىش تەلەپ قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر