باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى87 تۈرلۈك باج ئىشلىرى مەمۇرىي تەستىقلاش ئىشلىرىنى ئېلان قىلدى

2014.02.18 14:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈنۈگۈن « مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرگە دائىر دوكلات»نى تارقىتىپ، 87 تۈرلۈك باج ئىشلىرى مەمۇرىي تەستىقلاش ئىشلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ باج ئىشلىرى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تىزىملاپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك باج ئىشلىرى ئورگانلىرى ئاشكارە ئېلان قىلىنغان تىزىملىك سىرتىدا باشقا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ. ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن تەستىقلاش تۈرلىرىنى باشقا ناملار بىلەن ئۆزگەرتىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا بولمايدۇ. ئۆز مەيلىچە يېڭىدىن تەسىس قىلىش، بىر تەرەپتىن ئازايتىپ، بىر تەرەپتىن كۆپەيتىش، ئاشكارە قىسقارتىپ، يۇشۇرۇن كۆپەيتىش، ئاشاكارە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، يۇشۇرۇن يىغىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي توسۇس لازىم.

  باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم باج ئىشلىرى مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرى مۇندەرىجىسىنى ئاشكارىلاش «خەلققە قولايلىق يارىتىپ بېرىش باھار شامىلى ھەرىكىتى»نىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېلەركى قەدەمدە، باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى نۇقتىلىق ھالدا باج ئىشلىرىنى بېجىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، سەمىمىي باج تاپشۇرۇش ئاخباراتى، باج يىغىشتا قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، باش مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج ئىشلىرىنى بېجىرىشتىكى يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، باج تاپشۇرغۇچىلار ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارغا باج ئىشلىرىنى بېجىرىشتە تېخىمۇ قولايلىق، تېز، رازى بولغۇدەك شارائىت يارىتىپ، باجگىرلارنى باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە مۇلازىمەتنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر