باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش سىياسىي بۆلۈم «كادىرلارنى باھالاش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا پىكىر» ئېلان قىلدى

2014.02.18 14:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئازاتلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈمى يېقىندا « كادىرلارنى باھالاش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۈچلۈك ئارمىيە نىشاننىڭ يېڭى تەلىپىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا باھالاش مەزمۇنى ۋە ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ياخشى كادىر قانداق بولىدۇ، قانداق قىلغاندا ياخشى كادىر بولغىلى بولىدۇ ، قانداق قىلغاندا ياخشى كادىرنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، دېگەن مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ئەخلاقى، ئىقتىدارى، تىرىشچانلىقى، نەتىجىسى، پاكلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئەخلاق جەھەتتە پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىنى ئاڭلايدىغان سىياسىي تەلەپنى، ئىقتىدار جەھەتتە غەلبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان ساپا ئىقتىدارنى، تىرىشچانلىق جەھەتتە ھەقىقىي ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان ئەمەلىي ئىستىلنى، نەتىجە جەھەتتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمنى، پاكلىق جەھەتتە ھوقۇقىنى ئىشلىتىشتىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. پىكىردە: كادىرلارنى باھالاش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تەكىتلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر