جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ پەخرىي رەئىسى ، ئىككى قىرغاق تىنچ تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى ليەن جەن تەيۋەندىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىدىن تەشكىللەنگەن زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ 17-فېۋرال چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى . گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىجۈن پۇل مۇئامىلە كوچىسىدىكى ۋېسدىڭ مېھمانسارىيىدا ليەن جەننى كۈتۈۋالدى .