خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ئامېرىكا تېننېسسى ئىشتاتىدا بىر نەسىللەندۈرگۈچى كانادانىڭ تۈكسىز مۈشۈكى بىلەن قارا رەڭلىك ئامېرىكا قىسقا تۈكلۈك مۈشۈكىنى نەسىللەندۈرۈپ، پۈتۈنلەي ئۆزگىچە بولغان «بۆرە ئاسلان» يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
بۇ يېڭى نەسىللىك ئاسلاننىڭ كۆز، قۇلاق، ئېغىز، بۇرۇن ئەتراپىدا تۈك يوق بولۇپ، يۈز قىسمى «بۆرە ئادەم»گە ئاجايىپ ئوخشىشىدىغان بولغاچقا، «لىكوي» دەپ ئىسىم قويۇلغان. بۇ سۆزنىڭ مەنبەسى گرىك يېزىقىدىكى «بۆرە» دېگەن سۆز بولۇپ، «بۆرە مۈشۈك» دەپ تەرجىمە قىلسا بولىدۇ. بۇ كىچىك ئاسلان ئىتقا ئوخشاش ۋاپادار ۋە دوستانە كېلىدۇ، دېيىلگەن.