خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەدەن ئېغىرلىقى ئىككى پارچە تاشتەك، بوي ئېگىزلىكى 1 مېتىرغا يەتمەيدىغان تۆت ياشلىق قىزچاق دەيسى تاتسار ئەنگلىيەدىكى تەڭ دېمەتلىكلەر ئارىسىدا «ئەڭ كىچىك نومۇرلۇق بالا» بولۇپ قالدى. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 6-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل تۆت ياشقا كىرگەن دەيسىنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئارانلا 2 فۇت 10 ديۇم بولۇپ، (تەخمىنەن 86 سانتىمېتىر) ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى ئۈچ فۇت 3 ديۇم (تەخمىنەن بىر مېتىر) غا يەتمەيدىكەن.