باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ،بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندىكى بارلىقپەنلەرنىڭ نەتىجىسىنى بىكار قىلدى

2014.01.13 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى بۈگۈن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر قىلغان «قىسمەن تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ 2014-يىللىق سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئىمتىھانى(MBA)دىكى كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشى»غا قارىتا مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى: ج خ ئورگانلىرى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈۋاتىدۇ، مىنىستىرلىقىمىز ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچەبۇ قېتىمقى ئىمتىھاندىكى بارلىق پەنلەرنىڭ نەتىجىسىنى بىكار قىلدى، شۇنداقلا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ خىزمەت ئورۇنىغا كۆچۈرمىچىلىك قىلغانلارغا ئەھۋالغا قاراپ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى.

  12-يانۋار، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات قانىلىدا قىسمەن تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ 2014-يىللىق سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئىمتىھانى (MBA)دا، ئىمتىھاندىن بۇرۇن سىمسىز ئېلېكتىرونلۇق كۆچۈرۈش ئەسۋابى تارقىتىش، ئىمتىھان ۋاقتىدا رادىيو دولقۇنى جاۋاب ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى خاربىن تەبىئىي پەن-سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىمتىھان نۇقتىسىدا كۆچۈرمىچىلىككە ئۇيۇشتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىندى. مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ج خ ئورگانلىرىنىڭ دەرھال دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىنى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرۈشىنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار ئىمتىھان نۇقتىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. (سۇ نەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر