باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىن نارازى بولدى(1)

2014.01.16 17:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يائالون ئىشخانىسى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنىڭ چىشىغا تېگىش غەرىزى يوق، ئەگەر ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تاراتقۇلارنىڭ گېپى بىلەن رەنجىپ قالسا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورايدۇ. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئىسرائىلىيە پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتى مەسىلىسىدە ئورتاق نىشانغا ئىگە، ئىسرائىلىيە كېررىينىڭ بۇ نىشان ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.

  ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان « يېڭى خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يائالون مەخپىي سۆھبەتتە كېررىينىڭ جاھىللىك ۋە دۇنيانى قۇتقۇزۇش كەيپىياتى بار دېگەن. يائالون مۇنداق دېدى: بىزنى بىردىن-بىر قۇتقۇزالايدىغىنى كېررىينى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرۈش، ئاندىن كېيىن ئۇ بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى باشقۇرسا بولىدۇ. يائالون كېررىينىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيان 10-قېتىم ئوتتۇرا شەرقتا زىيارەتتە بولۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى ياراشتۇرغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە ئۆتكەن بىر قانچە ئايدا، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدا تۈپتىن سۆھبەت بولمىدى، بەزىدە ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.

  ئامېرىكا يائالوننىڭ سۆزىدىن قاتتىق ئاغرىندى، ئاق ساراي بىلەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىر كۈندە ئۈچ قېتىم بۇنى ئەيىبلىدى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پۇساجى مۇنداق دېدى: كېررىينىڭ ھەرىكىتىدىن گۇمانلىنىش ۋە ئۇنىڭ تەكلىپىنى بۇرمىلاشنى ئامېرىكا يېقىن ئىتتىپاقدىشىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. ئەگەر يائالون راستتىنلا مۇشۇ گەپنى قىلغان بولسا، بۇ ئەدەپسىزلىك ۋە مۇۋاپىق ئەمەس. بولۇپمۇ ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك تەلىپىنى كۈچىنىڭ بارىچە قاندۇرۇۋاتىدۇ، كېررىي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېچە-كۈندۈر خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

  ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئامېرىكىنىڭ ئاچچىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن كەينى-كەينىدىن سۆز قىلدى. زۇڭلى نىتانىياخۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ دوستى. گەرچە بىزنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىختىلابىمىز بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىختىلاپلار بەزى ئىشلارغا قارىتىلغان مەلۇم سىياسىي شەخسنىڭ كىشىلىك ئەخلاق-پەزىلىتىگە قارىتىلمىغان. دىپلوماتىيە مىنىستىرى لېبىرمان مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار، بۇ ئۆتكەنكى نۇرغۇن ۋەقەلەردە ئىسپاتلاندى. ئەدلىيە مىنىستىرى، ئىسرائىلىيە پەلەستىن سۆھبىتىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرەپ باش ۋەكىلى لىۋنى مۇنداق دېدى: كېررىي ئىسرائىلىيە پەلەستىن ماجىراسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بايلىقى، بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر