باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆي–زېمىن خوجىلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بازار رىقابىتىگە كىرگۈزۈشنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

جاۋ چۈنخۇا

2014.01.16 14:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرى 8 – دېكابىر سىياسىي كېڭەش 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىنى ئاچتى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تاپشۇرغان تەكلىپلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خەلق تۇرمۇشىغا چېتىشلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپلا ئون پارچىدىن ئاشىدۇ. گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرۇش قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، ئەزالارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئەزالار بۇ مەسىلىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى.

  1 – مەسىلە: ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى كۆپ تەرەپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، مەسىلە كۆرۈلسە ھېچكىم ئىگە بولماسلىق.

  ئەمەلىي مىسال: ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونىدىكى بىر مەھەللىدە تۇرۇۋاتقىنىغا 11 يىل بولغان گاۋ شيۇلەننىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىدىن سۇ ئۆتۈپ كېتىپ، ئۇنى بەكمۇ ئاۋارە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئون يىل ئىلگىرى 6 – قەۋەتتىكى ئۆيۈمنىڭ ئۈستىدىن سۇ ئۆتۈپ كېتىپ، ئەھۋالنى ئۆي – زېمىن خوجىلىق شىركىتىگە ئىنكاس قىلغان ئىدىم، ئۆي – زېمىن خوجىلىق شىركىتى بۇ ئىشقا ئۆي – جاي شىركىتى مەسئۇل دېدى، ئۆي – جاي شىركىتىگە بارسام، ئۇلار بۇ ئۆي – زېمىن خوجىلىق شىركىتىنىڭ ئىشى دەپ تۇرۇۋالدى، ئىككى تەرەپ مەسئۇلىيەتنى بىر – بىرىگە ئىتتىرىپ، مەسىلىنى ھازىرغىچە ھەل قىلىپ بەرمىدى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئەھۋال ئىنكاس قىلاي دېسەم، قايسى تارماقنى ئىزدەشنى بىلەلمىدىم، شۇڭا ئۆي – زېمىن خوجىلىق ھەققىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلدىم.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى رېن شيۇجۈەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا چېتىشلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، قۇرۇلۇش، پىلانلاش، شەھەر مەمۇرىيىتى، باج، ج خ، مۇھىت ئاسراش، خەلق ئىشلىرى، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار بىرلەشمە كۈچ شەكىللەندۈرەلمىگەن بولغاچقا، كونكرېت مەسىلە كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا ھەل قىلىنمايۋاتىدۇ. ئۆي – زېمىن خوجىلىق شىركىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتە، ئاۋۋال تۈزۈلمە ۋە مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ‹‹شەھەر، رايون(ناھىيە)، كوچا باشقۇرۇش، شەھەر، رايون (ناھىيە)، كوچا، مەھەللە ئاھالە كومىتېتى مۇلازىمەت قىلىش تورى››دىن ئىبارەت خىزمەت رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹سىستېما بىلەن رايوننى بىرلەشتۈرۈش، رايوننى ئاساس قىلىش، تەۋە جاي باشقۇرۇش›› پىرىنسىپىغا ئاساسەن، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون، كوچا، ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۆي – زېمىن خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئارخىپى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىك ۋە مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي – زېمىن خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  2 – مەسىلە: ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشمىغان، خوجىلىق ھەققىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسى يوق.

  ئەمەلىي مىسال: بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى ئۆستۈرگەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەر ئۈرۈمچى شەھىرى قىبلىتاغدىكى مەھەللە ئاھالىسىنىڭ قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. جاڭ خانىم مۇنداق دېدى: بۇ مەھەللىگە 2006 – يىلى كۆچۈپ كىرگەندىن بۇيان، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى ئايدا 64 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تۆلەۋاتاتتىم، ھازىر باھا تۇيۇقسىز ئۆسۈپ كېتىپ، قوبۇل قىلىشىمىز تەسكە چۈشۈۋاتىدۇ. ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشتە، نېمە ئۈچۈن ئاھالىدىن ئالدىن پىكىر ئېلىنمايدۇ؟

  ‹‹3 – سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى›› ئۈرۈمچى شەھەرلىك كومىتېتى مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى %70تىن كۆپ ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرۇش شىركەتلىرىنى ئۆي – زېمىن سودىگەرلىرى ئۆز ئالدىغا قۇرغان، بازار ئىگىلىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان ئۆي – زېمىن خوجىدارلىقى كارخانىلىرىنىڭ ئادىل بازار رىقابەت مېخانىزمى كەمچىل. بۇ ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرۇشنىڭ قېلىپلاشماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرۇشنىڭ بازار رىقابەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئارخىپى تۈزۈمى ۋە ئۆي – زېمىن خوجىدارلىقىنى باشقۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  3 – مەسىلە: ئۆي – زېمىن خوجىدارلىقى شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېنىق ئەمەس، مەھەللە مۈلۈكدارلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قىيىن.

  ئەمەلىي مىسال: ئۈرۈمچى شەھىرى قىبلىتاغدىكى بىر مەھەللىدە تۇرىدىغان بەي خانىمنىڭ بۇ مەھەللىگە كۆچۈپ كەلگىنىگە ئالتە يىل بوپتۇ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھويلىغا توختىتىپ قويغان ئاپتوموبىلىنىڭ چاقلىرى دائىم تېشىۋېتىلىدىكەن، يەر ئاستى ئۆيىگىمۇ تۆت قېتىم ئوغرى كىرىپتۇ، مەھەللە ئاھالىسى بۇ ئەھۋاللارنى ئۆي – زېمىن خوجىلىق شىركىتىگە كۆپ قېتىم ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، شىركەت ھازىرغىچە ھەل قىلىپ بەرمەپتۇ. 2011 – يىلى مەھەللىدە مۈلۈكدارلار كومىتېتى قۇرۇلۇپتۇ، مۈلۈكدارلار ۋە ئاھالە ۋەكىللىرى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ – پىكىرلەرنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئۆي – زېمىن خوجىلىق شىركىتىدىكىلەر بىلەن سۆزلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆي – زېمىن خوجىلىق شىركىتىدىكىلەر ئۇلارنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلمىغان، مۈلۈكدارلار نائىلاج ئەھۋالنى مەھەللە ئاھالە كومىتېتىغا ئىنكاس قىلغان، مەھەللە ئاھالە كومىتېتى ئۆي – زېمىن خوجىلىق شىركىتىنى ئاھالىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كېلىشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆي – زېمىن خوجىلىق شىركىتىنىڭ يەنە كارى بولمىغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئەمۋاي(جۇڭگو) كۈندىلىك بۇيۇملار چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ۋە شىزاڭ تارماق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى چې شۇجۈن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرۇشنىڭ بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا، بىرىنچى قەدەمدە مۈلۈكدارلار كېڭىشىنىڭ تەشكىلىي ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۈلۈكدارلارنى مۈلۈكدارلار كېڭىشى ۋە مۈلۈكدارلار كومىتېتىنى قۇرۇشقا قانۇنلۇق يېتەكلەپ، مۈلۈكدارلار كېڭىشى ۋە مۈلۈكدارلار كومىتېتىنىڭ ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئاھالە كومىتېتى، مۈلۈكدارلار كومىتېتى مەھەللە ئۆي – زېمىن خوجىدارلىقىنىڭ ئادەتتىكى تەكشۈرۈشىنى يولغا قويۇپ، مەھەللىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى مەھەللىنىڭ ئۆي رېمونتچىلىقى، كۆكەرتىش – ئاسراش، ئامانلىقنى قوغداش، بېزەشنى باشقۇرۇش جەھەتلەردىن ئۇنىۋېرسال باھالاپ، مۈلۈكدارلارنىڭ پىكرىگە تولۇق قۇلاق سېلىنغان ئاساستا، مەھەللە دىرېكتورىنى يىللىق باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، لاياقەتسىز مەھەللە دىرېكتورلىرىنى يىللىق تەكشۈرۈشتىن قەتئىي ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەھەللە دىرېكتورىنىڭ ئادەتتىكى تەكشۈرۈشى بىلەن يىللىق تەكشۈرۈشىنى كارخانىلارنىڭ سالاھىيىتىنى باھالاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرۇش مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەپ، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  4 – مەسىلە: كونا مەھەللىلەردە ئۆي – زېمىن خوجىلىقى يوق بولۇپ، باشقۇرۇشتا قىيىنچىلىق كۆپ.

  ئەمەلىي مىسال: 2010 – يىلى ئىيۇندا، ئۈرۈمچى شەھىرى شامالباغ يولىدىكى بىر مەھەللىنىڭ ئۆي – زېمىن خوجىلىق شىركىتى خوجىلىق ھەققىنى ۋاقتىدا ئالالمىغانلىقتىن، مەھەللىدىن يېنىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن مەھەللىدىكى 600 نەچچە ئائىلە، نەچچە مىڭ كىشىنىڭ ئۆي – زېمىن خوجىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنى مەھەللە ئاھالە كومىتېتى ۋاكالىتەن باشقۇرغان. ئۆي – زېمىن خوجىلىقى شىركىتى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھەللىنىڭ تۇرۇبا يولى قاتارلىق ئاساسىي ئەسلىھەلىرى بەكلا كونىراپ كەتكەنلىكتىن، مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ ‹‹خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمەت ئورنى››دىكى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېغىرلاپ كەتكەن. ھەل قىلىش قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، مەھەللە ئاھالە كومىتېتى يەنە ئالاقىدار تارماقلاردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغان.

  ئەزا رېن شيۇجۈەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئۆي – زېمىن خوجىلىقى شىركىتى كىرگۈزۈپ، مۈلۈكدارلارنى تەشكىللەپ مۈلۈكدارلار كېڭىشى قۇرۇپ، كەسپىي ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى مەھەللىدە تۇرۇپ باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلىش؛ كىچىكرەك مەھەللىلەرنى ئەتراپتىكى مەھەللىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر ئۆي – زېمىن خوجىلىقى كارخانىسى بىر تۇتاش باشقۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، سوتنىڭ ئاددىي دېلو بېجىرىش تەرتىپىنى يولغا قويۇش كېرەك. مەھەللە ئاھالە كومىتېتى، مۈلۈكدارلار كومىتېتى ئۆي – زېمىن خوجىلىق ھەققى، ئۆي – زېمىن خوجىلىقى مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان مۈلۈكدارلارنى ھەق تاپشۇرۇشقا سۈيلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى قانۇن بويىچە ئەرز قىلىپ، ئۆي – زېمىن خوجىلىقىنى باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر