باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 2–يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى بېكىتىلدى

2014.01.16 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زەرىپە ئەھەد، ئىمىنجان داۋۇت خەۋىرى: سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى 15 – يانۋار چۈشتىن كېيىن 1 – قېتىم يىغىن ئېچىپ، ‹‹سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى››نى بېكىتتى. يىغىندا، ئەزالارنىڭ تەكلىپ بېرىش ۋاقتىنىڭ 2014 – يىلى 17 – يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 6 گىچە بولىدىغانلىقى قارار قىلىندى.

  ‹‹سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى››دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى چوڭ ئىشلارنى ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا چارە – تەدبىر كۆرسەتسە ۋە تەكلىپ سۇنسا بولىدۇ. ئەزالار سۇنغان تەكلىپ – پىكىرلەر چوقۇم سالماقلىققا، ئىلمىيلىككە ۋە مۇمكىنچىلىككە ئىگە بولۇشى، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىنغان، مەزمۇنى ئىخچام، چۈشىنىشلىك، پاكىتى تولۇق بولۇشى، ئەھۋال ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلۈشى ۋە كونكرېت تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ۋاقىتلىق تەكلىپ ياكى تومتاق، تۇترۇقسىز مەزمۇنلاردىن ساقلىنىشى كېرەك.

  ‹‹سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى››دە تەكلىپلەرنى سۇنۇش شەكلى ۋە ئاساسىي تەلەپ، تەكلىپ تەكشۈرۈش، بېجىرىش، تۇرغۇزۇش شەرتلىرى ئېنىق بېكىتىلدى. تەكلىپ خىزمىتى بىر تۈرلۈك دائىملىق خىزمەت بولۇپ، يىغىندا تەكلىپ بېرىش ۋاقتى توشقىچە ۋە يىغىن يېپىلغاندىن كېيىنمۇ ھەر قايسى ئەزالار، پارتىيە، گۇرۇھلار، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى دائىملىق تەكلىپ سۇنسا بولىدۇ ھەمدە تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈپ، تەكلىپ قىلىپ تۇرغۇزغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە يوللاپ بەرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر