جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، نۇر بەكرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنى 16- يانۋار چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىن كەلگەن ھەر مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شىنجاڭ خەلقىنىڭ تاپشۇرۇقىنى زېممىسىگە ئېلىپ، بۇ كاتتا يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ.