باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمەت نىزامى»نى تارقاتتى

2014.01.16 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمەت نىزامى»نى تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئەمەل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:مەركەز 2002-يىلى ئېلان قىلغان «پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمەت نىزامى» كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ساغلام، ئىلمىي ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش-تەيىنلەشتىكى ناتوغرا ئىستىللاردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش جەھەتلەردە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. لېكىن كادىرلار خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسى ۋە كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشكە ئەگىشىپ، «پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمەت نىزامى» يېڭى تەلەپكە تولۇق ماسلىشالماي قالدى، شۇڭا مەركەز تۈزىتىشنى قارار قىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر