باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

جۇڭگو پۇتبول جەمئىيتىنىڭ ئەزالار قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، يېڭى رەئىس سايلاش، «10 يىللىق پىلان پىروگراممىسى» ئېلان قىلىش قارار قىلىندى

2014.01.21 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ ئەزالار قۇرۇلتىيى خېبېي ئۆلكىسىدىكى شياڭخې دۆلەتلىك پۇتبول مەشىق بازىسىدا باشلاندى، يىغىن ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى 7 يىلغا يېقىن كېچكتۈرۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگو پۇتبولى ئاخىرى بىر قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك يىغىننى كۈتۈۋالدى.

  مەزكۈر يىغىن 2003-يىلىدىن بۇيان جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى چاقىرغان ئەڭ مۇھىم يىغىن ھېسابلىنىدۇ. يىغىنغا جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە ۋەزىپە ئۆتەش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەزالار، 47 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى مۇدىرىيىتىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە جۇڭگو ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىلىك، A دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقە كۇلۇبلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن بولۇپ، جەمئىي 200گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا، جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئەزالىرى سايلاپ چىقىلىدۇ، «جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى»، « جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى»(تۈزىتىش لايىھەسى) قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ ۋە «جۇڭگو پۇتبولىنىڭ ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلان پىروگراممىسى» مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر