باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى

2014.01.21 14:23         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۆھرەت زاكىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – يىغىنى تۈرلۈك كۈنتەرتىپلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 20 – يانۋار چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا يېپىلدى. شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى.

  شۆھرەت زاكىر 1953 – يىلى 8 – ئايدا تۇغۇلغان، غۇلجا شەھىرىدىن، 1970 – يىلى 12 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985 – يىلى 6 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، ئالىي باشقۇرغۇچىلار بويىچە سودا – سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى ئۇنۋانى ئالغان.

  1970 – يىلى 12 – ئايدىن 1972 – يىلى 2 – ئايغىچە ماناس ناھىيەسى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە قايتا تەربىيە ئالغان؛ 1972 – يىلى 2 – ئايدىن 1974 – يىلى 2 – ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 32 – باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولغان؛ 1974 – يىلى 2 – ئايدىن 1978 – يىلى 3 – ئايغىچە ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ دىۋوپۇ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان؛ 1978 – يىلى 3 – ئايدىن 1980 – يىلى 6 – ئايغىچە خۇبېي جياڭخەن نېفىت ئىنستىتۇتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1980 – يىلى 6 – ئايدىن 1984 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ نېفىت – يەر شارى فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدا تېخنىك بولغان؛ 1984 – يىلى 6 – ئايدىن 1988 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان (1982 – يىلى 9 – ئايدىن 1986 – يىل 7 – ئايغىچە ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 1988 – يىلى 5 – ئايدىن 1992 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت بەلگىلەش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1992 – يىلى 11 – ئايدىن 1993 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى سانائەت بەلگىلەش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1993 – يىلى 8 – ئايدىن 1997 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد كومىتېتى تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان (1994 – يىلى 3 – ئايدىن 1994 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ھاكىم، باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1997 – يىلى 2 – ئايدىن 1997 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1997 – يىلى 7 – ئايدىن 2000 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (1996 – يىلى 8 – ئايدىن 1998 – يىل 12 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە سىرتتىن ئوقۇغان؛ 1996 – يىلى 12 – ئايدىن 1998 – يىلى 12 – ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 2000 – يىلى 7 – ئايدىن 2000 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتى (دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا سانائىتى ئىشخانىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 2000 – يىلى 12 – ئايدىن 2001 – يىلى 3 – ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2001 – يىلى 3 – ئايدىن 2005 – يىلى 12 – ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان (2004 – يىلى 3 – ئايدىن 2005 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2005 – يىلى 12 – ئايدىن 2006 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2006 – يىلى 1 – ئايدىن 2008 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى بولغان (2003 – يىلى 9 – ئايدىن 2007 – يىلى 3 – ئايغىچە تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ سودا – سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇغان، ئالىي باشقۇرغۇچىلار بويىچە سودا – سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)؛ 2008 – يىلى 3 – ئايدىن 2009 – يىلى 7 – ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى بولغان؛ 2009 – يىلى 7 – ئايدىن 2011 – يىلى 6 – ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە) بولغان؛ 2011 – يىلى 6 – ئايدىن 2013 – يىلى 12 – ئايغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك)، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە) بولغان؛ 2013 – يىلى 12 – ئايدىن 2014 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 10 –، 11 –، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر