باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى 3 مىليون يۈەن پارا ئېلىپ 16 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2015.08.26 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى سوت ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قالدى، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ XX ئۈچ مىليون يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالغانلىقى، 80 نەچچە مىڭ يۈەنلىك غايەت كۆپ مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەسلىكى، پارا ئېلىش جىنايىتى ۋە زور مىقداردىكى مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس جىنايىتى بېكىتىلىپ 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، 550 مىڭ يۈەن مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىندى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەش 2-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تۇڭ يەننىڭ تونۇشتۇرشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك ئىقرارسىز دېلو ئالدىدا، تەپتىش ئورگانلىرى كۆپ تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق، ئاخىرقى ھېسابتا ليۇ XXنىڭ جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. دەلىل- ئىسپات ئالدىدا، ليۇ XXنىڭ تىلى تۇتۇلدى.«جىنايى ئىشلار قانۇنى»دا «ھەرقانداق ئەنزە ئۈستىدە ھۆكۈم ئىسپاتقا ئەھمىيەت بېرىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى بولمىسىمۇ، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق ۋە راست بولسا، جاۋابكارنى جىنايىتىنى بېكىتىپ ئۇنىڭغا جىنايى جازا بېرىشكە بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر