باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىتتىپاق تەشكىلىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

2015.08.26 21:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەھرىمان روزى خەۋەر قىلىدۇ: باي ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭ يېزىسى تۆۋەنكى بۇلۇڭ كەنتىدە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسىدىن 43ى بولۇپ، ئىتتىپاق ياچېيكىسى بولمىغانلىقتىن، كەنتنىڭ ئىتتىپاق تەشكىلىي خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىگەنىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تاماكا مونوپول تىجارىتى ئىدارىسىدىن ‹‹ئۈچ ئەل››خىزمىتى بويىچە باي ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭ يېزىسى تۆۋەنكى بۇلۇڭ كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، كەنتتە ياخشىراق پائالىيەت سورۇنىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇ يەردە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانلىقىنى، كەنت ئىتتىپاق تەشكىلىنىڭ چېچىلاڭغۇ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا كەنت ئىتتىپاق تەشكىلىنىڭ چېچىلاڭغۇ ھالىتىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى، ياشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىتتىپاق تەشكىلىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇشنى خالىمايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىتتىپاق قۇرۇلۇشىنى يېتەكلەش، ئىتتىپاق قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدا ئوبدان پىكىر – تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ كەنت مۇلازىمەت پائالىيەت مەركىزى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئارزۇ – تەلەپلىرىنى ئاپتونوم رايوندىكى باش شىركەتكە ئىنكاس قىلىپ، 1 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، تۆۋەنكى بۇلۇڭ كەنتىگە ئۇنىۋېرسال پائالىيەت مەركىزىدىن بىرنى سېلىپ بەردى. ۋاسكېتبول ۋە ۋالىبول مەيدانى ياساپ بەردى.

  كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ۋە كەنت كومىتېتىدىكىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدا، تۆۋەنكى بۇلۇڭ كەنت ئىتتىپاق تەشكىلىنىڭ ئۇيۇشچانلىقى كۈچىيىپ، ياشلارنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىدا ئۆزگىرىش بولدى. كەنتتىكىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەنىۋى تۇرمۇشى موللاشتى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئالىمجان نىياز مۇنداق دېدى: خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئىتتىپاق ئەزالىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردۇق. ياشلارنىڭ يىغىن ۋە پائالىيەتكە قاتناشمايدىغان ھالىتىنى ئۆگەرتتۇق. ھازىر ياشلار يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغان بولدى، يەنە تېخى ياشلاردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار ئەترىتى قۇرۇپ، ئۇلارنى كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش، قارىغۇچىسى يوق، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدۇق. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر