باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىرىك پىلان يېتەكلەيدۇ ۋە تىرەك بولىدۇ

جاڭ چۈنشيەن خۇ زۇسەي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2015.08.26 20:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 24 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر خۇ زۇسەي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  خۇ زۇسەي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ پىلانلاش، ئۇل كەسىپلەر قاتارلىق تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تۈزۈشنى پايدىلىنىش ئاساسلىرى بىلەن تەمىنلەش، شىنجاڭنىڭ قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، تۆمۈريول، تاشيول، ئايرودۇرۇم، نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى، شۇنداقلا جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ دۆلەت ئىچى بۆلىكى يولى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يىرىك پىلاننىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا نىسبەتەن مۇھىم يېتەكلەش رولىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەبەدىي ئەمىنلىك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلاردا مۇھىم تىرەك بولۇش رولىغا ئىگە، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىدا تېز ئىلگىرىلەش بولدى. لېكىن، ئاساسى يەنىلا ئاجىز، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەۋىيىنى ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن باشلاش ۋە يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. دۆلەتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزگەندە، شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، شىنجاڭنىڭ شەرققە، غەربكە، شۇنداقلا جەنۇب، شىمالغا تۇتىشىدىغان يولنى نۇقتىلىق ھالدا ئېچىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئېلېكتىر تورى، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق ھالقىسىمان يوللارنى شەكىللەندۈرۈشىنى؛ شىنجاڭنىڭ يېزا ۋە كەنت تاشيولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭمۇ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى شارائىت ۋە مۇھىت يارىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ، بولۇپمۇ جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  خۇ زۇسەي مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىقىنى، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ زور تەرەققىيات كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزگەندە، بىز شىنجاڭنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، بەي جىجيې، مۇتەللىپ قاسىم، ليۇ جەنشىن قاتارلىق يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر