باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قىزىلسۇ ئوبلاستىدا خاس باغۋەنچىلىك كۆلىمى 20مىڭ مودىن ئاشتى

2015.08.26 20:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەمشىدىن خەپتىم خەۋەر قىلىدۇ: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بۇ يىل خاس باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، خاس باغۋەنچىلىك كۆلىمىنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، سۈپىتىنى ياخشىلاش، بازار ئېچىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، خاس باغۋەنچىلىك كۆلىمىنى 20 مىڭ مودىن ئاشۇردى.

  ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاڭ خۇي مۇنداق دېدى: باغۋەنچىلىكنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى مۇۋاپىق تەھلىل قىلىپ، يېڭى تېخنىكىلارنى كېڭەيتىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سېلىنمىنى ئاشۇرۇش، تېخنىكا تەدبىرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق سۈپەتلىك مېۋە مەھسۇلاتلىرى بازا قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق. ئوبلاستىمىزدىكى ناھىيە(شەھەر)لەر ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتتى. نەتىجىدە بۇ يىل كىرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئوبلاست بويىچە 10 مىڭدىن كۆپرەك باغۋەن تەربىيەلەندى. بۇ يىل ئوبلاستىمىزنىڭ مېۋە مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 19 مىڭ 50 توننىغا، مەھسۇلات كىرىمىنىڭ 486 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر