باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتى ئېلان قىلىندى

2014.01.21 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتى-«جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىرى» تۈنۈگۈن ئېلان قىلىندى، ھۆججەتتە دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى ، يېزا يەرلىرى تۈزۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى، يېزا پۇل مۇئامىلە تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت سەككىز جەھەتتىكى خىزمەت مەركەزلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ ، بۇ يىل ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك يېزا ئىگىلىكى يېزا خىزمىتىنىڭ نىشانى ئومۇميۈزلۈك بېكىتىلدى.

  بۇ مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ ئۇدا 11 يىل «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» مەسىلىسىگە مەركەزلىشىشى. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن «ئاشلىق بىخەتەرلىكى» مىسلىسىز دەرىجىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسىمۇ 1-نومۇرلۇق ھۆججەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم مەزمۇنغا ئايلاندى. ئاشلىق سىياسىتىدىكى ئىنچىكە ئۆزگىرىش توغرىسىدا گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى يېزا ئىقتىسادىي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يې شىچىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالىتىنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر قىسقارتىلدى، ئىلگىرىكى تومتاق ئاشلىق ئۇقۇمىدىن دانلىق ئاشلىق تۈرى ۋە ئوزۇق تۈلۈك تۈرىگە قىسقىراپ، ئۆلچەم جەھەتتە بىر قەدەر ئۆزگىرىش بولدى؛ بەلگىلىك ئىمپورت قىلىشنى ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى بىر مۇھىم تەركىبىي قىسىمغا ئايلاندۇرۇپ، مۇشۇنداق مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ئىچكى ۋە خەلقئارا بازارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ماسلىشىشتىكى بىر مۇھىم تەڭشەش.

  ھۆكۈمەتنىڭكى ھۆكۈمەتكە تەۋە بولۇش، بازارنىڭكى بازارغا تەۋە بولۇش كېرەك، يالغۇز ئاشلىق ئوبوروتى ساھەسىدىلا ئەمەس، دېھقانلارنىڭ كىرىمىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھالقىلاردا تېخىمۇ شۇنداق بولىشى كېرەك 1-نومۇرلۇق ھۆججەتتە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش تۈزۈمى، يېزا ئىگىلىك تولۇقلىما سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پايدا تولۇقلىما مېخانىزمىنى تېز ئورنىتىش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى گوشياڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىدىن ئۈمىد بار دەپ ھېسابلىدى.

  ئەگەر دېھقانلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى«ئاشلىق» بولسا، ئۇنداقتا ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان بازاردا ئەڭ دىققەتنى تارتىۋاتقان يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە شەك شۈبھىسىزكى«يەر». پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا يېزا ئىگىلىك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. 1-نومۇرلۇق ھۆججەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سىياسەتنىڭ تەپسىلات تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانلارغا ھۆددىگە بەرگەن يەرنى ھۆددىگە بېرىش تىجارەت ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش، كېپىللىك ھوقۇقى بېرىش تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭغا قارىتا مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېڭ شىۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«تىجارەت ھوقۇقى يەرنىڭ كۆزلىمە پايدىسى. يەرنىڭ كۆزلىمە پايدىسىنى رەنىگە قويساق، ھۆددىگە بەرگۈچى ئۆزگەرمەيدۇ، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكى تېخىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر