خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2013-يىللىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئىلمىي ئورۇنلار ۋە تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2013-يىلى GDP ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئەتراپىدا ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۆلچەرشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزى ئىلمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن شىكاڭ مۇنداق دېدى: 2013-يىلى 4-پەسىلدە ئىقتىساد مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلەشكە يۈزلەندى، تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ تەسىرىدە 4-پەسىلدە GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى %7.6 بولۇشى، پۈتۈن يىللىق GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى %7.7 ئەتراپىدا بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. (ياڭ شى خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى