باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپى كۇچا تارماق ئەترىتى ھەرىكەتتە(1)

2013.12.10 15:47   مەنبە: خەلق تورى

«بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپى  كۇچا تارماق ئەترىتى  ھەرىكەتتە(1)

   سۈرەتتە: 8- دېكابىر « بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللېكتىپى كۇچا تارماق ئەترىتىدىكلەرنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنىشلەر ...ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان، ماينۇرگۈل ئەھەت خەۋىرى، فوتوسى : « بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپى كۇچا تارماق ئەترىتى كۇچا ناھىيەسىدىكى ساخاۋەتچى ياشلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى ئارقىسىدا 12- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۇزۇن بازىرىنىڭ تاغىچى كەنتىدە ئىللىقىلىق يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى.

  بۇ كوللېكتىپتىكى 15 كە يېىقىن ياش تاغىچى كەنتىگە بېرىپ، ئائىلىسىدە ئېغىر قىيىنچىلىقى بار يەتتە ئائىلىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ھويلا ـ ئاراملىرىنى تازىلاپ بەرگەندىن باشقا، جەمئىي 3 مىڭ 750 يۈەن قىمىتىدە 2000 كىلوگرام كۆمۈر، 50 قۇر قىشلىق كىيىم ۋە بۇ ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوقۇش قوراللىرىنى سوۋغا قىلدى ھەم بۇ ئەترەتتىكى تىببىي خادىملار بۇ ئائىلىلەردىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، 550يۈەن قىممىتىدە قىش پەسىلىدىكى تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى تارقىتىپ بېرىپ، زىمىستان قىشتا نامراتلارنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، « بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپى كۇچا تارماق ئەترىتى بۇ يىل 6- ئايدا قۇرۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر 5 مىڭ 500 يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ توپلاپ، بەش قېتىم ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىپاخانىلاردىكى ئېغىر كېسەللەردىن ھال سوراش، نامراتلارنىڭ مەزگىللىك تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش قاتارلىق ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئەل قەلبىنى ئىللىتىپ، ھەممىنىڭ قىزغىن ئالقىشلىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن. بۇ ئەترەتنىڭ بۇ قېتىمقى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى قىش پەسىلىدىكى تۇنجى باشلىنىش بۇلۇپ، يىل ئاخىرىغىچە ئالتە قېتىمدىن ئارتۇق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 100دىن ئارتۇق قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ قىشلىق تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلىدىكەن.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
    ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
    ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
    ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىد…
    ·يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى كەلگۈسىدە شەھەر بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ 
    ·ئەنئەنىۋىي بالىلار ئويۇنى 
    ·مائارىپ ئىسلاھاتى تېخىمۇ ئادىل نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە
    ·21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسى…