خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەڭرىتاغ تۆمۈر چوڭ جىلغىسىنى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەڭرىتاغ تۆمۈر چوڭ جىلغىسىنى دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنىڭ رەسمىي ئەمەلىي باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.2013-يىلى 21-ئىيۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 37-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى چوڭ يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ تەڭرىتېغى دۇنيا تەبىئىي مىراسى بولۇپ باھالانغان. ئونسۇ تۆمۈر مەنزىرە رايونى شىنجاڭ تەڭرىتاغ مىراسىغا ئىلتىماس قىلىشتا ئالدىن تىلغا ئېلىنغان شۇنداقلا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان تەبىئىي مىراس رايونى ئىگىلىگەن كۆلىمى 344 مىڭ 828 گېگتار، ئارىلىق رايونى 280 مىڭ 120 گېكتار بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم شىنجاڭ تەڭرىتاغ تۈرىدىكى مىراس رايونى ۋە ئارىلىق رايون ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %59.87 ۋە %54.33 نى ئىگىلەيدۇ. تەڭرىتاغ تۆمۈر چوڭ جىلغىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ ـ شىمالىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىستىتېكىلىق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان قىزىل قاتلاملىق جىلغا شۇنداقلا تەڭرىتاغ تۆمۈر دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى بويىچە ئېچىلىدىغان مەنزىرە رايونى كارتىسى.
2013-يىلى 12-ئاي، ۋىلايەتلىك ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئاكتىپ تىرىشىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تۆمۈر چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەنزىرە رايونىنى ئاپتونوم رايون بويىچە 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا پرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلدى. نۆۋەتتە شىنجاڭدا جەمئىي 18 ساياھەت مەنزىرە رايونى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇلار بايىنبۇلاق، قاراجۈن، كۆلدە قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى