باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2013-يىلى ئېلىمىز ئىقتىسادىي %7.7 ئاشتى

2014.01.21 08:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 20-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2013-يىلى ئېلىمىز ئىقتىسادىي %7.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى بىر يىل بىلەن تەڭلەشكەن. %7.7لىك يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %7.5لىك نىشان ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولغانلىقى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتىنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇقىم مۆلچەر ئاستىدا ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  جۇڭگو ئىقتىسادىينىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2013-يىلى ئەگرى-توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتتى، پۈتۈن يىلدىكى %7.7لىك ئېشىش سۈرئىتى 2012-يىلى بىلەن تەڭلىشىپ، ھۆكۈمەت بېكىتكەن %7.5لىك نىشاندىن ئاشقانلىقى ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى مۇقىم ۋەزىيەتنى ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

  باش مىنستىر لى كېچياڭ يېقىندا مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش كېرەك، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپلا قالماستىن يەنە ماھىيەتلىك ئىلگىرلەش بولۇش كېرەك. بۇنىڭ يادروسى يەنىلا ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، ھۆكۈمەت ئورنىنىڭ خاتا بولۇپ قىلىش، كەم قىلىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇقىم ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، كەلگۈسى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مەركىزى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئىسلاھاتقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادى ھاياتى كۈچنى قوزغاش. ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئىلگىرى سۈرۈلۈشى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىسادىي ئىستىقبالىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر