باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران يادرو سۆھبىتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى

2014.01.21 14:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەت ئەل مېدىيالىرىنىڭ 11 – نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىران بىلەن قىلغان يادرو سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسى بولمىغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مېنېندېز 10 ـ نويابىر ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: پارلامېنت يادرو سۆھبىتىدە ئىراننى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئىراننى ئىقتىساد جەھەتتىن تېخىمۇ قاتتىق جازالاشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

  يېقىندا، جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيەدىن ئىبارەت ئالتە دۆلەتنىڭ ۋەكىلى جەنۋەدە ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان. لېكىن، سۆھبەت يەنە داۋاملىشىۋېرىدىغان بولغان.

  ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كېررى 10 ـ نويابىر مۇنداق دېدى: كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغىنىمىز ناچار كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن ياخشى، ئامېرىكا كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئالدىرىمايدۇ، ئوباما بۇ نۇقتىنى ئوبدان بىلىدۇ.

  مېنېندېز يەنە مۇنداق دېدى: كېڭەش پالاتاسىنىڭ جازا لايىھەسى بېكىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىران ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلماي، يادرو قورال ياساش پىلانىنى يەنىلا توختاتمىسا، ئىراننى تېخىمۇ قاتتىق جازالاش كېرەك. ئەگەر، ئىران كېلىشىمنى قوبۇل قىلسا، كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن جازانى يېنىكلىتىشكە، ياكى توختىتىشقا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر