باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا شى جىنپىڭنىڭ تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك

2014.01.24 09:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېڭ لىشىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 22 - يانۋار چۈشتىن كېيىن، دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 1 - تۈركۈمدە قانات يايدۇرۇلغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش ھەم 2 - تۈركۈمدە قانات يايدۇرۇلىدىغان پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - تۈركۈمدە قانات يايدۇرۇلىدىغان تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، 1 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پائالىيەتنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ نىشان، ۋەزىپە ۋە ئاساسىي تەلەپلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، سۆز ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا ۋە يېتەكلەشچانلىققا ئىگە.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا، مەركەزنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى، 1 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇشقا كۈچەپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئالاقە نۇقتىسى ئورۇنلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەقىقىي ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ چىقىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش؛ پائالىيەتنى ئاشكارا قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش؛ ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش؛ بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈشنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ يۇقىرى بىلەن تۆۋەن بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر