- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئىككى مۇئاۋىن دىۋىزىيە باشلىقى قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلدى
2014.01.23 15:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-دىۋىزىيە پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مۇئاۋىن دىۋىزىيە باشلىقى سۇڭ گوئەن قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 15-دىۋىزىيە پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مۇئاۋىن دىۋىزىيە باشلىقى فېڭ يەن قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر