باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: «تۆت خاھىش»نى چىڭ تۇتۇپ، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش-مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك

2014.01.22 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 21-يانۋار يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 1-تۈركۈمدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش ۋە 2-تۈركۈمدىكى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى ھەققىدىكى خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئىستىراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، 1-تۈركۈمدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئېرىشكەن مۇھىم نەتىجىلەرنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەنگەن، 2-تۈركۈمدىكى پائالىيەتنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، پائالىيەتنىڭ فاڭجېن، پىرىنسىپ، نىشان ۋە تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە. ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىشلىك ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر