باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«تۆۋەن چەكنى ساقلاش، سىناق نۇقتىسىدا ئالدىن يولغا قويۇش» پىرىنسىپى بويىچە ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، يېزا يەر ئىسلاھاتىدا ئىشنى غاچ-غۇچلا قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ

2014.01.23 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1. چۈشەندۈرگۈچى: مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتى لايىھەسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن جاۋ ياڭ، ياڭ شاڭچىن

  زىيارەت قىلغۇچى: ئۆز مۇخبىرىمىز چېن رېنزې

  يېزا يېرىگە دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇش شەرت، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك تۈزۈمىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش كېرەك، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ

  بۇ يىل مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىلدى، بۇ جامائەتچىلىكنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. نۆۋەتتە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يەر ئىسلاھاتى ھەققىدىكى مۇنازىرىسى كۆپ بولماقتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئىسلاھات قەدىمىنىڭ تېخىمۇ تېز بولۇشىنى، ئىسلاھات دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا، بۇ ئويلار ئاممىنىڭ ئىسلاھاتتىن كۈتۈۋاتقان قىزغىن ئۈمىدىنى ئىپادىلەپ بەردى، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، لېكىن يەر ئىسلاھاتى ھەققىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ئاساسەن، سەگەك تونۇشنى ساقلىشىمىز، خاتا چۈشەنمەسلىكىمىز، خاتا ھۆكۈم قىلماسلىقىمىز لازىم، ئىشنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا قاراقۇيۇق باشلاپ كېتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. يېزا يەر ئىسلاھاتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى مەركەزنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا «تۆۋەن چەكنى ساقلاش، سىناق نۇقتىسىدا ئالدىن يولغا قويۇش» پىرىنسىپى بويىچە، ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈشى كېرەك.

  يەر تۈزۈمى يېزىلارنىڭ ئاساسىي تۈزۈمى، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ئۈچ تۆۋەن چەكنى ساقلاشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  بىرىنچىسى، يېزا يېرىگە دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. يېزا يېرىگە دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىش ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىقتىسادىنىڭ تۈپ تۈزۈمى، يېزا يېرىگە كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىش ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپلا قالماستىن، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىجتىمائىي باشقۇرۇش مېخانىزمىنىڭ ئاساسى.

  ئىككىنچىسى، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى پارتىيەنىڭ يېزا سىياسىتىنىڭ ئۇلتېشى، شۇنداقلا يېزا يېرىگە كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈملۈك رېئاللىشىش شەكلى. يېزا يېرىگە كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئائىلىلەر باشقۇرۇشنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئۇللۇق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ھەم ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەي، ھۆددىگەر ئائىلىلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش ۋە رېئاللاشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىسى، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى ساقلاشتىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك. يەر ‐‐ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى، تېرىلغۇ يەر ‐‐ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يىلتىزى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، ئالدى بىلەن تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى ساقلاپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ كۆلەم جەھەتتىن كېمىيىپ، سۈپەت جەھەتتىن تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى ساقلىغاندىلا، تاماق قاچىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇپ تۇرالايمىز. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر