باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھازىر پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ

2014.01.26 10:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى جوڭ 24-دېكابىر ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مىنىستىرلىقىمىز پېنسىيەنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل توپلاپ ۋە رەتلەپ، تەدرىجىي ئورتاق تونۇشقا كېلىش ئاساسىدا، مۇۋاپىق پىكىر ۋە تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  لى جوڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئەمگەك شارائىتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ئوتتۇرىچە ئەمگەك سىجىللىقى بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. نۇرغۇن كەسپىي تېخنىكا ئورۇنلىرىدا 50، 60 ياشلىق خادىملارنىڭ تەجرىبىسى مول، ماھارىتى پىشقان باسقۇچتا تۇرماقتا، بۇ خىل يۇقىرى ماھارەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن. ئەگەر بۇ خادىملار بالدۇر پېنسىيەگە چىقسا، ئادەم كۈچى دەسمايىسى زور دەرىجىدە ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر