باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بويىچە 2014 – يىللىق «باھار ھەرىكىتى» پائالىيىتى يولغا قويۇلىدۇ

2014.01.24 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىر دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن 24 – يانۋار ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى نۆۋەتتىكى يېڭى ۋەزىيەتتە يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئالاھىدىلىككە ماسلىشىپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چاغاندىن كېيىنكى شەھەرگە كىرگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشىغا ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن فېبرالدىن باشلاپ 2014 – يىللىق «باھار ھەرىكىتى» پائالىيىتىنى يولغا قويىدىكەن.پائالىيەت 25 – ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا ئىككى ئورۇن بىرلىشىپ خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى ھەققىدىكى تىپلارنى باھالاپ چىقىدىكەن، چوڭ كارخانىلارنى يېزىلارغىچە بېرىپ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنلىرىنى ئېچىشقا تەشكىللەپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچىلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن ۋە «دېھقان ئىشلەمچىلەر» مارشىنى ئېلان قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر