باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېڭ جيەنجۇ ئەدلىيە ئادىلسىزلىقىغا قارشى تۇرۇشنى تەكىتلىدى

2014.01.26 10:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مېڭ جيەنجۇ 24-يانۋار مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ 9-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەڭ قەتئىي ئىرادە، ئەڭ قەتئىي ھەرىكەت بىلەن سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى چىرىك ھادىسىلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈم بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش كېرەك.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە ساقلانغان ناتوغرا ئىستىللار ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر بىلىپ، سەۋر-تاقەتسىز پوزىتسىيە بىلەن چىرىكلىككە بايرىقى روشەن قارشى تۇرۇشى لازىم.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتە، ھەم چوڭىنى ھەم كىچىكىنى چىڭ تۇتۇش، 2-تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى پۇرسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەسىلە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك ناتوغرا ئىستىللارنى زور كۈچ بىلەن ياخشى بىر تەرەپ قىلىش؛ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ۋە تۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، چەكلەش بۇيرۇقلىرىنى ھېچكىم قول تەگكۈزەلمەيدىغان يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش؛ سىياسىي، تەشكىلىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، كادىر ساقچىلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، قائىدە سۆزلەش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر