باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئورتاق دۇنيايىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرەيلى-يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىپلوماتىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى

2014.01.26 10:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن «ئورتاق دۇنيايىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرەيلى-يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىپلوماتىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى. ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگەللەپ، دىپلوماتىيە جەھەتتىكى چوڭ فاڭجىن سىياسەتلەرنىڭ ئىزچىللىقى مۇقىملىقىنى ساقلاش ئاساسىدا، تېخىمۇ كەڭ نەزەر، داۋاملىق كۆرەش قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى پىلانلاپ، دىپلوماتىيەە ياخشى ۋەزىيەت ياراتتى.

  ئوبزوردا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تىنچ تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي قەتئىي مېڭىپ، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە بىر قاتار مۇھىم تاشقى ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە ۋە دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ يۆلىنىشىگە باشلامچىلىق قىلدى؛ ئىنسانلار تەقدىرداش قاتارلىق يېڭى تەشەببۇسلارنى چىقىرىپ، ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بۇ بۈيۈك نىشاننى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا جۇڭگوچە جاۋاب بېرىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى ۋە پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى؛ جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، دۇنيانى ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ تەمىنلەپ، دۇنياۋى خىرىس ۋە خەلقئارالىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەقىل پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايەن قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر