- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېرمىدىكى ئاز سانلىق مىللەت قوراللىقلىرى ئۇرۇش توختىتىشقا پرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلدى
2014.01.27 15:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
2-نۆۋەتلىك بېرما ئاز سانلىق مىلەت قوراللىق تەشكىلاتلىرى باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن يېپىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ئاز سانلىق مىللەت قوراللىق تەشكىلاتلىرى يىغىندا بايانات ئېلان قىلىپ، بالدۇرراق سىياسىي جەھەتتىن سۆزلىشىپ، دۆلەت ئىچىدە مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن مەملىكەت بويىچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا ئاز سانلىق مىللەت قوراللىق تەشكىلاتلىرى يىغىندا ماقۇللانغان مەملىكەت بويىچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىم لايىھىسىنى كەلگۈسىدە ھۆكۈمەت بىلەن سىياسىي جەھەتتە سۆزلىشىشنىڭ پرىنسىپال ئاساسىي قىلىشنى قارار قىلدى، بۇ ھۆكۈمەت ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان « ئالدى بىلەن مەملىكەت بويىچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، ئاندىن سىياسىي جەھەتتە كوللېكتىپ سۆزلىشىش» مەيدانىنى پرىنسىپ جەھەتتىن قوبۇل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر