باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈر يول تارماقلىرى بايرام مەزگىلىدە پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىش مۇددىتىنى سەل تەڭشىدى

2014.01.29 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن تۆمۈر يول تارماقلىرى بايرام مەزگىلىدە پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىش مۇددىتىنى سەل تەڭشىدى، ئالدىن سېتىش مۇددىتى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا 26 كۈنگە ئۇزارتىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشچە، ئالدىن سېتىش مۇددىتى پەقەت قىسمەن كۈنلەرگە تەسىر قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 30-يانۋاردىن 5-فېۋرالغىچە تور ۋە تېلېفون ئارقىلىق ۋاقىتلىق پويىزنىڭ بېلىتىنى زاكاس قىلىشقا بولىدىكەن، ئالدىن سېتىش مۇددىتى 26 كۈن ئۇزاتىلغاندىن كېيىن 24-فېۋرالدىن بۇرۇنقى بېلەتلەرنى زاكاس قىلىشقا بولىدىكەن.

  تۆمۈر يول تارماقلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى، سەپەرگە چىقىشنى پىلانلىغان يولۇچىلار پويىز ئىستانسىسىدىكى ئۇقتۇرۇشقا دىققەت قىلىڭلار، بۇندىن باشقا تۆمۈر يول باش شىركىتىنىڭ تور بېكىتى، تېلېفون، پويىز ئىستانسىسى ۋە ۋاكالىتەن سېتىش ئورۇنلىرى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قالدۇق بېلەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، سەپىرىڭلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇڭلار؛ چاغانلىق تىرانسىپورت مەزگىلىدە، تۆمۈر يول تارماقلىرى كىملىككە قاراپ بېلەت تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، بېلەت تەكشۈرۈش ئورنىدا يولۇچىلارنىڭ بېلىتىنى قايتا تەكشۈرىدۇ، يولۇچىلار بېلىتىڭلارنى، كىملىكىڭلارنى ياخشى ساقلاڭلار، بېلەت، كىملىك ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىڭلار.

  تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 27-يانۋارغىچە، چاغانلىق تىرانسىپورت باشلاندىن بۇيان مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا 77 مىليون 632 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلغان، بۇ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 10 مىليون 906 مىڭ ئادەم قېتىم كۆپەيگەن بولۇپ %16.3 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر