باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كالسېن مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بېلگەيتىسنى يېڭىۋالدى

2014.01.29 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23 ياشلىق خەلقئارا شاھمات دۇنيا چېمپىيونى كالسېن يېقىندا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بېلگەيتىس بىلەن خەلقئارا شاھمات ئوينىدى، نەتىجىدە پەقەت توققۇز قەدەم مېڭىپلا ئەقلىي ئىقتىدارى 160 دىن يۇقىرى دۇنيادىكى كاتتا باينى ئۇتۇۋالدى. «تەڭپۇڭلۇق» ئىزدەش ئۈچۈن، ئويۇندا بېلگەيتىسكە ئىككى مىنۇت ئويلىشىدىغان ۋاقىت بېرىلدى، كالسېن پەقەت 30 سىكۇنتلا سەرپ قىلىپ ئۇنى ئۇتۇۋالدى. رىياسەتچى ئويۇن ئاخىرلىشىشىغىلا بېلگەيتىسدىن قانداق ئەھۋال ئۆزىنىڭ ئەقىللىق ئەمەسلىكىنى سورىغاندا، ئۇ تېزلا: «كالسېن بىلەن شاھمات ئوينىغاندا» دېدى. كالسېن 13 ياش ۋاقتىدا خەلقئارا شاھمات ئۇستىسى دېگەن نامنى ئالغان، ئۆتكەن يىلى نويابىردا يەنە دۇنيا چېمپىيونى بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر