باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلىندى

2014.01.28 10:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئابې شىنزونىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلىپ، ياپونىيەنى جۇڭگو، كورىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلدى.

  24-يانۋار، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بوئىنىس ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزونىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىش سەۋەبى بىلەن يامانلاشقان ياپونىيە جۇڭگو، ياپونىيە كورىيە مۇناسىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئۇ، ياپونىيەنىڭ تارىخىنى تونۇش قاتارلىق نازۇك مەسىلىلەردە ئىجابىي ئۇسۇللارنى تېپىپ، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېنىدى ياپونىيەدە چىقىدىغان ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئابې شىنزونىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا رايون ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، ئابې شىنزونىڭ قاراردىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، رايون مۇقىملىقىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيە يىغىنى ئارقىلىق، ئابې شىنزوغا ئامېرىكىنىڭ تەلىپىنى يەتكۈزۈپ، ياپونىيەنىڭ ئابې شىنزونىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى يەنە بىر قېتىم تاۋاپ قىلماسلىقىغا، سۆز ھەرىكەتلىرىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر