باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە دەرسلىكلەرگە تېررىتورىيە تەشەببۇسىنى كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى

بۇنىڭغا جۇڭگو قەتئىي ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، كورېيە قاتتىق ئەيىبلىدى

2014.01.29 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا خەۋەر قىلىنغان ياپونىيە مائارىپ-مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-پەن-تېخنىكا ۋازارىتى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش قوللانمىسىغا «دياۋيۈداۋ ئارىلى ياپونىيەنىڭ ئەزەلىي زېمىنى» دەپ ئېنىق يازغانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 28-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بۇنىڭغا كۈچلۈك كۆڭۈل بولىدۇ، بىز بۇ ئىشقا قەتئىي ئارىلىشىدىغانلىقىمىزنى ياپونىيەگە بىلدۈردۇق. خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دياۋيۈداۋ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللار ئەلمىساقتىن تارتىپلا جۇڭگونىڭ زېمىنى. ياپونىيە جان-جەھلى بىلەن كاللا قاتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خاتا مەيدانىنى ھەرقانداق ئۇسۇللار بىلەن ھەرقانچە تەشۋىق قىلسىمۇ، دياۋيۈداۋ ئارىلىنىڭ جۇڭگوغا تەۋەلىكىدىن ئىبارەت ئاساسىي پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: «بىز ياپونىيەنى تارىخىي پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، ئىغۋاگەرچىلىكنى توختىتىپ، ياش ئەۋلادلارنى توغرا تارىخ قارىشى بىلەن تەربىيەلەپ، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىمىز.»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار سېئولدىن بەرگەن خەۋىرى: كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 8-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىنى تۈزۈش قوللانمىسىغا «دوكدو ئارىلى (ياپونىيە تاكېشىما ئارىلى دەپ ئاتايدۇ) ياپونىيەنىڭ زېمىنى» دېگەن مەزمۇننى كىرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ قارارنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ياپونىيە تارىخنى بۇرمىلايدىغان يامان ئادىتىنى تاشلىماي، جاھانگىرلىكتىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، ئۆزى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرگەن «ئاكتىپ تىنچلىقپەرۋەرلىك»نىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ھەقىقىي ئەپتە-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ قويدى. (جاڭ نۈەن، لياۋ لېي، سۇڭ چېڭفېڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر