باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئېكولوگىيەلىك يېپىنچە ئۆسۈملۈكلەر ئەسلىگە كەلدى

2014.01.27 09:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-بەش يىلدىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون يايلاق خىزمىتى ھەققىدە بىر قاتار زور ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى چىقىرىپ، يايلاق ئېكولوگىيە تولۇقلىما مۇكاپاتى مېخانىزمى ئورنىتىپ، يايلاق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، 2013-يىلى يايلاقتا چارۋا بېقىشنى مەنئىي قىلىش، يايلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۆلكە، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىكى ھەر دەرىجىلىك يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، ئاپتونوم رايون بويىچە يايلاق ئېكولوگىيەسى داۋاملىق ناچارلىشىش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈملۈك توسۇلدى، چارۋا بېقىش چەكلەنگەن رايونلاردا ئوت چۆپ مەھسۇلاتى 2010-يىلدىكىدىن %44 ئاشتى، ئۆسۈملۈك تۈرىنىڭ كۆپ خىللىقى كۈنسېرى موللاشتى، يايلاق بىلەن چارۋا تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان رايوندا ئوت چۆپ مەھسۇلاتى 2010-يىلدىكىدىن %14 ئاشتى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىللىق پەسىلدە چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا يايلاق بىلەن چارۋا ئاساسەن تەڭپۇڭ بولدى، ئاپتونوم رايون بويىچە سۈنئىي ئۇسۇلدا بەرپا قىلغان يايلاق 10 مىليون 210 مىڭ موغا يەتتى، بىر يىللىق ئوت چۆپ تېرىلغۇ كۆلىمى 5 مىليون 530 مىڭ مو بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر