باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىن مۇسۇلمان ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى

2014.01.28 10:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەتكە قارشى مۇسۇلمانلار قوراللىق تەشكىلاتى «مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى» تۈنۈگۈن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، 40 يىلغا سوزۇلغان ھەمدە 120 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قوراللىق توقۇنۇشقا خاتىمە بەردى. ئىككى تەرەپ بۇ قېتىم ھاسىل قىلغان تىنچلىق كېلىشىمىدە مۇسۇلمانلارنىڭ فىلىپپىندىكى نامرات ئەمما بايلىقى مول جەنۇبتىكى رايونلارنى باشقۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. بۇنىڭ شەرتى سۈپىتىدە ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلاتلار قورالسىزلاندۇرۇلىدۇ. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، فىلىپپىن يېڭىدىن «باڭسامولو» نامىدىكى سىياسىي ئەمەلىي گەۋدە قۇرۇپ، بۇنى ھازىرقى مىنداناۋ مۇسۇلمانلار ئاپتونوم رايونىنىڭ ئورنىغا قويىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر