باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ چىشيەن خىزمەت دوكلاتى بەردى

2014.01.28 10:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-يانۋار ئېچىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ چىشيەن 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا «مەركىزىي ۋەزىپىسىنى نىشانلاپ، تۈزۈلمە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  دوكلاتتا بىر يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2013-يىلى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان تۇنجى يىل. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپى پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش كۈرىشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. باش سېكرېتار شى جىنپىڭ پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش خىزمىتى ھەققىدە بىر قاتار مۇھىم يوليۇرۇقلارنى بەردى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، ئىستىلنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ياخشىلاش، چىرىكلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن جازالاش تەكىتلەندى.

  دوكلاتتا بۇ يىللىق پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى توغرىسىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي تەلىپى مۇنداق: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 2-، 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، مەركىزىي ۋەزىپىنى نىشانلاپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىلىككە قارىشى تۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش؛ پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، تەشكىلىي چېچىلاڭغۇلۇق، ئىنتىزامدا بوشىشىش ھادىسىلىرىنى قەتئىي يېڭىش؛ مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشقا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، 4 ئىستىلنى بوشاشماي ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇش؛ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيەلىك كادىرلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنى جازالاش يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى ساقلاش؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى قوشۇنىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر