باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى باھارغا يۈرۈش قىلىپ، ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى

2014.01.29 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 29-يانۋار «يېڭى باھارغا يۈرۈش قىلىپ، ئارزۇنىڭ بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرايلى» دېگەن ئوبزورچى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دېھقانلار كالېندارى بويىچە پات ئارىدا ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر يىلدا، بىز جاپالىق يول بېسىپ، تېرىشىپ ئىشلەشنىڭ تەمىنى تېتىدۇق ھەم نۇرغۇن جاپا چەكتۇق شۇنداقلا نۇرغۇن ھوسۇلغا ئېرىشتۇق؛ بىز تىپنى ئۆزگەرتىش مەزگىلىدىكى زىددىيەتنىڭ كاشىلىسىغا تاقابىل تۇرۇش ھەم دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدۇق؛ بىز بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى قەدىمىنى تاشلىدۇق شۇنداقلا تەرەققىيات، يۈكسىلىشنىڭ نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇق.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ماكرولۇق ئىقتىسادنى مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلاشتىن خەلق ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقىچە، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىن بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قويۇۋېتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىستىلى، يېڭى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش كۈچىنى زورايتىشقىچە، ئىجتىمائىي كاپالەتنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاشتىن جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشكىچە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى ئارقىلىق، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى ئۆزلۈكسىز پۇختىلىنىپ، شەخسلەرنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش بوشلۇقى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىلدى، ھەر بىر ئەمگەكچىنىڭ جاپالىق تېرىشچانلىقى-جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈگىمەس ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر