باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغاندا شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ

2014.01.28 10:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى: 27 – يانۋار شىنجاڭ قاتناش – ترانسىپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىمچە، 2014– يىلى چاغان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىنمايدىكەن، ھەق ئېلىنماسلىق ۋاقتى 31 – يانۋار كېچە سائەت 0 دىن 6 – فېۋرال 24 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) بولىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ھەق ئېلىنمايدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىچىدە يەنە ئادەتتىكى تاشيوللاردا يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان موتىسكلىت بار بولۇپ، ھەق ئېلىنمايدىغان مەزگىلدە ئادەتتىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ئاپتوموبىلنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەن ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدىكەن، يېپىق ھالەتتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئايرىلغان ۋاقتى ھېسابلىنىدىكەن.

  ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 85 ئورۇندا تاشيول ھەق ئېلىش ئورنى بار ئىكەن. 2012 – يىلى تاۋۇز چاغىنىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ھېيت – بايراملاردا كىچىك ئاپتوموبىللاردىن يول يۈرۈش ھەققى ئالماسلىق يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا يەنە ئۆزىنىڭ يەرلىك بايراملىرىدىن قۇربان ھېيتتىمۇ ھەق ئالماسلىق يولغا قويۇلغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر