باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغاندا توخۇ گۆشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى

2014.01.29 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگونىڭ دۇنيا ھايۋانات سەھىيە تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى جاڭ جوڭچيۇ 29-يانۋار H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمىدىن ساقلىنىش، تىزگىنلەش ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مىنىستىرلىقىمىز بۇلتۇردىن تارتىپ، قۇش زۇكىمى كېسەللىرىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ ئەۋرىشكە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئۆي قۇشلىرى ياكى مۇھىت ئەۋرىشكىسىدىن بىر مىليون 630 مىڭنى ئالدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 334 مىڭى تەكشۈرۈلدى، نۆۋەتتە گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، گۇاڭشى، جېجياڭدىكى تىرىك قۇش بازارلىرىدا، كېسەل مەنبەسى ئىلمىي بويىچە سەككىز مۇسبەت ئەۋرىشكە تەكشۈرۈپ چىقىلدى. ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى يەنىلا ئاساسلىقى تىرىك قۇش تىجارىتى نۇقتىلىرىدا ساقلانماقتا، ھازىرغىچە قۇش تۈرىدىكى باقمىچىلىق مەيدانلىرىدىن بۇ خىل ۋىرۇس تەكشۈرۈپ چىقىلمىدى دەپ قارىدى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە ئۆي قۇشلىرىدىكى H7N9 تىپلىق زۇكامنى تۈگىتىش پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويماقتا ھەم بۇ يىل ئىچىدە تىرىك قۇش بازارلىرى ۋە سودا بازارلىرىدىكى ھايۋانلارنىڭ جېنىغا بىخەتەرلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تېزدىن كۈچ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا مۇتەخەسسىسلەر چاغان مەزگىلىدە پۇقرالارنىڭ داستىخىنىدا توخۇ، ئۆردەك، بېلىق گۆشلىرى كەم بولمايدۇ، ھازىر توخۇ گۆشى ھەقىقەتەن بىخەتەر، چۈنكى ھازىرغىچە قۇش باقمىچىلىق مەيدانلىرىدا H7N9 ۋىرۇسى تەكشۈرۈپ چىقىلمىدى دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر