باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز رەھبەرلىرى جياڭ زېمىن،خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى

2014.01.29 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چاغان ھارپىسىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئايرىم ياكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلارغا ھاۋالە قىلىپ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق جۇڭگو كوممۇنىستىىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىن پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن چاغانلىق سەمىمىي ھال سورىدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشى، تېنىنىڭ ساغلام، ئۆمىرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا چىن دىلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  پېشقەدەم يولداشلار بۇنىڭ ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى، ھەم مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ئاستىدا، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتنى، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈشتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر