باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېلىمىز بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تۇنجى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «يېشىل يولى» ئېچىلدى

2014.01.28 10:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تۇنجى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «يېشىل يولى» بولغان شىنجاڭنىڭ باقتۇ چېگرا ئېغىزى ئېچىلغان بىر ئايدىن بۇيان، ئېلىمىز ئېكسپورت قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى تەخمىنەن 6400 توننىغا، قىممىتى 4 مىليون 570 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

  ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چېگرا رايون تارباغاتاي ۋىلايىتىگە جايلاشقان باقتۇ چېگرا ئېغىزى ئېلىمىزنىڭ قازاقىستانغا ئېچىۋەتكەن دۆلەت 1- دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بۇ يەردىكى ئەنئەنىۋى چوڭ ئېكسپورت تاۋىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قولايلىق ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ئۈچۈن، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئۆتكەن يىلى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنىدىن تېز ئۆتۈش يېشىل يولىنى ئاچتى، يەنى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قاچىلانغان ئاپتوموبىللارغا بىرلىككە كەلگەن «يېشىل يول» كۆرسەتكۈچىنى چاپلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا ئېغىزىدا مەخسۇس چېگرىدىن كىرىش چىقىش يولى ۋە تاموژنىغا، تەكشۈرۈشكە مەلۇم قىلىش ئېغىزى تەسىس قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت ئېكىسپورتىغا بىر قەدەر تۆۋەن نىسبەتتىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنىدىن تېز ئۆتۈش مۇلازىمىتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2013-يىلى تارباغاتاي تاموژنىسى ئىمپورت ئېكسپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىدىن 50 مىڭ توننىدىن ئارتۇقنى نازارەت قىلىپ باشقۇردى، مال قىممىتى 37 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

  باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، باقتۇ چېگرا ئېغىزىدىن باشقا، شىنجاڭدىكى بەزى چېگرا ئېغىزلىرىمۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشتا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش تەدبىرىنى قوللانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر