باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ناھىيە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش سىناق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن

2014.01.29 16:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى 27-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، 2014-يىلىدىن باشلاپ، فۇجيەن، سەنشى، خەينەن، چۇڭچىڭ، گۈيجۇ، چىڭخەي ۋە شىزاڭ قاتارلىق يەتتە ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ،مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ناھىيە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك مۇكاپاتلاش سىياسىتى سىناق نۇقتا دائىرىسىگە كىرگۈزىدىكەن.

  مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا مالىيەنىڭ ناھىيە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك مۇكاپاتلاش سىياسىتى سىناق نۇقتا دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىپ، بۇنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.مالىيە مىنىستىرلىقى پۇل مۇئامىلە مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:بۇ قېتىم سىناق نۇقتا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن فۇجيەن،سەنشى،خەينەن،چۇڭچىڭ، گۈيجۇ، چىڭخەي ۋە شىزاڭ قاتارلىق يەتتە ئۆلكە،ئاپتونوم رايون،مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر غەربى رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئىچىش ئىستراتېگىيىسىدىكى مۇھىم يولغا قويۇش رايونى،خەينەن ئۆلكىسىدىكى يېزا ئىگىلىك نوپۇسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى.فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت سەۋىيىسىدىن تۆۋەن.سەنشى ئۆلكىسى كەسىپ قۇرۇلمىسىدا بۇرۇلۇش ياساپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا،زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويماقتا. بۇ يەتتە ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ،مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر سىناق نۇقتا دائىرىسىگە كىرىپ، يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىك يېزا ئىگىلىكى قەرز پۇل سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلەيدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ. يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار ،دېھقانلار مەسىلىسىدىكى ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ،يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتى كۈچىنى جانلاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر