باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر پارلامېنت سايلىمىدىن ئىلگىرى پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزمەكچى

2014.01.28 10:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىرنىڭ ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتى مەنسۇر 26-يانۋار تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، مسىىرنىڭ پارلامېنت سايلىمىدىن ئىلگىرى پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  مەنسۇر مۇنداق دېدى: مەملىكەت دائىرىسىدە مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق، كۆپ سانلىق سىياسىي تەشكىلاتلار ۋە جەمئىيەتتىكى كۈچلەر ئالدى بىلەن پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى قوللىدى ۋە مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ، مىسىر ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنى تىزىملاش ۋە سايلاشقا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.يېقىندا مىسىردا ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ماقۇللانغان يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، ئىككى تۈرلۈك سايلام ئالتە ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  14-، 15-يانۋار، مىسىر يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسىىگە ئاۋاز بەردى، لايىھە ئەڭ ئاخىرى %98 لىك قوللاش نىسبىتى بىلەن ماقۇللاندى. بىراق، ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نىسبىتى %40 گە يەتمەي، بۇ مىسىر خەلقنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنغا قارىتا ئۆزىنىڭ پىكىرنى ساقلاپ قالغانلىقىنى كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر