باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئالاھىدە تۇتاشما نامرات رايوندىكىلەرنى يوقلىدى

2014.01.28 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان ھارپىسىدا، باش مىنىستىر لى كېچياڭ شەنشىنىڭ چىنبا تاغلىق رايونىدىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلىدى. چىنبا تاغلىق رايونى ئېلىمىزدىكى چېتىلىدىغان ئۆلكىلەر ئەڭ كۆپ، زېمىنى ئەڭ چوڭ، ئىچكى قىسىمىنىڭ تەرەققىيات پەرقى ئەڭ چوڭ مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايون، بۇ ئالتە ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 75 ناھىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  26-يانۋار لى كېچياڭ ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن شىئەنگە بېرىپ، ئاندىن پويىز ۋە ئاپتوموبىل بىلەن 7 سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ ئەنكاڭغا يېتىپ باردى. مەركەزلىك تۇتاشما نامرات رايون چىنبا تاغلىق رايونىغا ماڭغان پويىزدا لى كېچياڭ دەرھال ئالاقىدار خادىملارنى يىغىپ نامراتلارنى يۆلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى كېڭەشتى. كۆپچىلىك نۆۋەتتىكى مۇھىم نۇقتىلىق ۋە قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ پىكىر تەكلىپلەرنى بەردى، يىغىن پويىزنىڭ گۆدەك ئاۋازىغا جۆر بولۇپ، بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملىشىپ، سوئالغا جاۋاب بېرىش بىلەن ئاياغلاشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىمىز، لېكىن بەزى مەسىلىلەر ساقلانماقتا. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى دائىم مەركەز ئاجرىتىدۇ، يەرلىكنىڭ مەبلەغ توپلاش ھوقۇقى كەمچىل. ئۇ ئەنكاڭ شەھىرىدىكى ياردەم بېرىش پونكىتىدا پېشقەدەملەر ۋە سەرگەردان بالىلارنى يولىغاندا مۇنداق دېدى: چاغان جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمى، بىز ئىجتىمائىي كاپالەت ئۆلچىمىنى تۈزۈشىمىز ۋە مۇستەھكەملىشىمىز، ھەرقانداق كىشىنى ماكانسىز قويماسلىقىمىز كېرەك. ئۇ خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى: سىلەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن، بەلكى، ئۇلارنىڭ بىر ئىللىق ئۆيگە ئىگە قىلىشىڭلار كېرەك، مانا بۇ ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلگەنلىك.

  26-يانۋار چۈشتىن كېيىن لى كېچياڭ شەنشى ئۆلكىسى جېنئەن ناھىيەسى يۈنگەيسى بازىرى خۇايۈەن مەھەللىسىگە بېرىپ، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلارنى يوقلىدى. ئىشلەمچىلىك قىلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى باش مىنىستىرنىڭ كەلگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنى ئورىۋېلىشتى. لى كېچياڭ كۆپچىلىكنىڭ چاغانلىق تىرانسپورت مەزگىلىدە پويىز بىلەن ئۆيىگە قايتىش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلدى ۋە بۇنى سۈرۈشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىلەر ئولتۇرۇپ كەلدىڭلارمۇ ياكى ئۆرە تۇرۇپ كەلدىڭلارمۇ؟ لى كېچياڭ شەنشى ئۆلكىسى شاڭلو بازىرى جېنئەن ناھىيەسى يۈنگەڭسى بازىرىنىڭ كۆچمەنلەر مەھەللىسىگە بېرىپ، ئاممىنى يوقلىدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان قىز ئوقۇغۇچى جياڭ شىنتوڭ قىستىلىپ يۈرۈپ زۇڭلىنىڭ يېنىغا بېرىپ، لى بوۋا مەن سىزگە بىر پارچە خەت يازغان ئىدىم، يەنە بىر تال گۈلمۇ بار، دېدى. باش مىنىستىر گۈلنى ئالدى، ئاندىن خەتنى ئېچىپ كۆرۈپ: رەھمەت مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن سىزگە خەت يازىمەن، دېدى. 27-يانۋار لى كېچياڭ ئەنكاڭ شەھىرى شۈنياڭ رايونى جىنپو كەنتىدە ئۆيىدە قالغان بالىلارنى يوقلىدى. 12 ياشلىق ياڭ كاڭ ئائىلىسىدە لى كېچياڭ ئۆيىنىڭ ئىسسىنىش ئەھۋالى، مەكتەپنىڭ يىراق يېقىنلىقىنى سورىدى ھەمدە ئۇنىڭ دادىسىغا تېلېفون بېرىپ: چاغاندا قايتىپ كېلەمسىلەر، ئۆيىڭدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىنچلىق ئىكەن، خاتىرجەم بولۇڭلار، چوقۇم تىنچ ئامان قايتىپ كېلىڭلار، دېدى. ياڭ كاڭ دادىسىنىڭ ئاۋازىغا ئاڭلاپ يىغلاپ كەتتى، لى كېچياڭ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ مۇنداق دېدى: دادىڭىز چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ، سىلەر بىرگە جەم بولۇپ تاماق يەيسىلەر. 27-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، لى كېچياڭ ئەنكاڭ شەھىرى شۈنياڭ رايونى شياۋخې بازىرىدىكى قەرەللىك بازارغا كەلدى. بازاردا مال مەنبەسى تولۇق ئىدى، كىشىلەرمۇ كۆپ ئىدى. لى كېچياڭ يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرگە مۇنداق دېدى: ئائىلە ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ يىلتىزى. چاغان جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمى. جۇڭگولۇقلار ئائىلىگە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەممىڭلار بىر يىل جاپا چەكتىڭلار، ئۆيگە قايتىپ ئائىلەڭلاردىكىلەر بىلەن بىرگە جەم بولۇپ، چاغاننى خۇشال -خورا ئۆتكۈزۈڭلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر